باش بەت |  بلوگ دېگەن نېمە؟ |  WordPress دېگەن نېمە؟ |  خېرىدارلار ۋە قوللىغۇچىلار |  Wordpress ئۆرنەكلىرى |  ئۇسلۇب خەزىنىسى  |  ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى |  پۇل تۆلەش ئۇسۇلى
   

بلوگ دېگەن نېمە؟

 
 

بلوگ Blog سۆزى Weblog (تور كۈندىلىك خاتىرىسى) نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى.

بلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت. (ئادەمگە قارىتىلغاندا Bloger دېيىلىدۇ). blog سۆزىنىڭ ئىنگلىزچىسى Weblog نىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەرىپىنى ئېلىۋېتىپ قىسقارتىپ يېزىلىشىدىن كەلگەن. بۇ سۆزنى Peter Merholz ئىجاد قىلغان.

بلوگ دېگەن بۇ سۆزنىڭ خەنزۇچىسى 博客 بولۇپ، 博客 سۆزىنى جۇڭگو بلوگى تورىدىكى ۋاڭ جۈنشيۇ ئىجاد قىلغان.

ئەگەر مۇنبەر(BBS) نى ئېچىۋىتىلگەن كەڭ مەيدان دېسەك، ئۇنداقتا Blog نى سىزگىلا ئېچىۋىتىلگەن خاس ئۆي دېيىشكە بولىدۇ. سىز Blog ئارقىلىق ئىنتېرنېت دەرياسىدا ئۈزۈپ، پۈتۈن يەرشارى ئىنتېرنېت تورىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇر، بىلىم ۋە مەنبە بايلىقلىقلارنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ Blog ىغا كىرگۈزۈۋېلىپ پايدىلىنالايسىز. شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى، تۇرمۇشىڭىزدىكى ۋەقەلىكلەرنى، چاقماقتەك تېز كەلگەن ئىلھام ۋە مەنىۋىي جەريانلارنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ، ئېلان قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا خەت يوللاپ دوست تۇتالايسىز ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. شەخسىي نەشىر شەكلى ئارقىلىق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە توختىماي خاتىرە يېزىپ، خاتىرىلىرىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرالايسىز.

بىر بلوگنى بىر تور بەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ قىسقا، ئەمما دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان (Post) چاپلانما ئارقىلىق بېيىيدۇ، بۇ چاپلانمىلار يىل، ئاي، كۈن تەرتىپىدە بولىدۇ. blog نىڭ مەزمۇنى ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدۇ.

شەخسى Blog نى ھەقلىق ۋە ياكى ھەقسىز يوسۇندا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتقاندىن كىيىن ئۆزىڭىز خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ۋە مەزمۇنلارنى قاتسىڭىز بولىدۇ.

بلوگ ئۇقۇمى ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ: تەكرار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بەت يۈزى ئاددىي بولىدۇ، خۇسۇسىيلاشقان بولىدۇ.

Blog ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ، E-mail، BBS ، ICQ (IM)دىن كىيىن پەيدا بولغان تۆتىنچى ئەۋلاد توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى ، يېزىق ئارقىلىق سۆھبەت ئىلىپ بارىدىغان قەھۋەخانا.

ھەر بىرىمىزنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى، كۈندىلىك خاتىرىلىرىمىزنى، تېما ۋە يازمىلىرىمىزنى، مۇھىم ماتېرىيال، قىممىتى بار رەسىم، ئاۋازلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلەرگە يېزىۋالىدىغان، توپلاپ ساقلايدىغان ئادىتىمىز بار .لېكىن ئۇ رەتلەنمىگەن، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە. تورغا يوللىسىڭىز بارلىق ماتېرىياللار مۇئەييەن نام-ئىسىم ئاستىدا ساقلىنىپ قالغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە تورغا كىرىپ ئېچىپ پايدىلىنالايسىز ۋە ساقلاپ قويالايمىز، لېكىن تور بېكەتلەرنىڭ سىغىمى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى سىزگە مەڭگۈ ساقلاپ بېرەلمەيدۇ ، مۇئەللەقتىكى بۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بېكىتىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، شۇڭا بەزى چەكلىمىگە ئۇچراش مۇمكىن. ئەمما Blog بېتى خاس ئۆزىڭىزنىڭ بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ھۆججەت، سۈرەت، ئاۋاز، تېلېفون نومۇرى، كىشى، يەر-جاي ئادرېسى، چاپلانما ۋە ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھوقۇق بىلەن ئۆزىڭىز ساقلاپ قويىسىز، باشقىلار تەھرىرلىيەلمەيدۇ، ئۆچۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئادەتتىكى كۆرەرمەن شەكلىدە ئەينەك سىرتىدا كۆرگەندەك كۆرەلەيدۇ. سىز بارلىق «بايلىق» لىرىڭىزنى خۇددى قاتتىق دىسكىدا ساقلىغاندەك ساقلاپ قويۇپ، نەگە بارسىڭىز شۇ جايدا ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز. ئەگەر بلوگنى ھەقلىق تىزىملاتسىڭىز، ئۇ چاغدا بلوگىڭىز قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىرەر نەرسىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ساقلاپ، لازىم بولغاندا تېلېفون بېرىپ ئەكەلدۈرگەندىن كۆرە، تۇرغان يېرىڭىزدىلا بلوگىڭىزنى ئېچىپلا بىۋاسىتە پايدىلانسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى. تېخىمۇ ياخشى يېرى بلوگىڭىزدا ھەممە نەرسە ئىستون، سەھىپە، ۋاقىت بويىچە شۇنداق رەتلىك ساقلىنىدۇ. بلوگ ھەم شەخسىي تور بېتىڭىز ھەم مۇئەللەقتىكى قاتتىق دىسكىڭىز بولالايدۇ. سىز توردا بولمىغان ئەھۋالدا باشقىلار سىزنىڭ بلوگىڭىزدىكى سۆز قالدۇرۇش ئىستونىغا سۆز قالدۇرۇپ قويىدۇ. سىز بلوگىڭىزنى ئاچسىڭىز ئۇ قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيسىز ۋە جاۋاب يازالايسىز. بەزى ئىقتىدارىQQ غا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ بىر تور بېتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئۇ خەت يازىدىغان قېلىن دەپتەر. سىز توختىماي يىغقان شىرنىڭىزنى ساقلايدىغان ساندۇق. سىز كىيىم ئالماشتۇرغاندەك، بلوگ بېتىڭىزنى زىننەتلەپ، سۈرەتلەرنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرالايسىز. سىز قىلغان ھەرقانداق خىيال-تەسەۋۋۇر Blog دا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

قېنى مەرھەمەت، بلوگ يېزىشنى باشلاڭ!...
 

 

بلوگ ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان رادىئو ۋە تېلىۋېزىيە زىيارەتلىرى

   

  


تور بېكەت: http://www.uydata.com       |       تېلېفون نومۇرى: 6701516    8554813-0991      |      QQ:2271299434    834480060                    بەت ئۈستىگە قايتىمەن