خېرىدارلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. بوشلۇقنى 7 كۈن سىناق ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يارىمىسا پۇل شەرتسىز، تولۇق قايتۇرۇلىدۇ؛ 7 كۈندىن ئاشسا ئاخىرىغىچە ئىشلىتىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، پۇل قايتۇرۇلمايدۇ.
2. WordPress بوشلۇقى سېتىۋالسىڭىز، بېكىتىڭىزنى باشقا بوشلۇقلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىشىڭىزگە ھەقسىز ياردەم قىلىمىز.
3. بوشلۇقنى ئىشلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ تور بېكەتلەرنى قۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
WordPress مۇلازىمىتېرى ئۇچۇرلىرى
CPU سەپلىمىسى: Intel XEON E5420 * 2
ئىچكى ساقلىغۇچ: 8GB
مۇلازىمىتېر قويۇلغان ئورۇن: ئامېرىكا theplanet مۇلازىمىتېرخانىسى 1000MB لىق تور
مۇلازىمىتېر مۇھىتى: Linux + Apache + MySql + PHP
مۇلازىمىتېر قوللايدىغان بېكەت سىستېمىلىرى: WordPress , Drupal , Joomla , DedeCMS , PHPCMS, Discuz , PHPWIND , EMLOG , typecho قاتارلىق PHP سىستېمىلىرى
شىركەت ئۇچۇرلىرى
يۇلتۇزسوفت تەتقىقات، تەربىيەلەش، ئىشلەپچىقىرىشنى بىر گەۋدە قىلغان، دۇنيا IT ساھەسىدىكى سەركە شىركەتلەرنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا ياندىشىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغان يۇمشاق دېتال شىركىتى.
شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 154-نومۇر جىلى سودا بازىسى 3-قەۋەت 30-ئىشخانا
تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991 | فاكس: 8554814-0991
ئېلخەت: uydata@yultuzsoft.com | پوچتا نومۇرى: 830049
QQ نومۇرى: 834480060 ئېلخەت: uydata@yultuzsoft.com تېلېفون نومۇرى: 8554813-0991 فاكس: 8554814-0991
بىلوگ دېگەن نېمە؟

بىلوگ Blog سۆزى Weblog (تور كۈندىلىك خاتىرىسى) نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، ھەممە ئادەم قىلالايدىغان، ئەڭ ئاددىيلاشتۇرۇلغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋاستىسى.

بىلوگنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Blog ياكى Weblog دىن ئىبارەت. (ئادەمگە قارىتىلغاندا Bloger دېيىلىدۇ). blog سۆزىنىڭ ئىنگلىزچىسى Weblog نىڭ ئالدىنقى ئىككى ھەرىپىنى ئېلىۋېتىپ قىسقارتىپ يېزىلىشىدىن كەلگەن. بۇ سۆزنى Peter Merholz ئىجاد قىلغان.

بىلوگ دېگەن بۇ سۆزنىڭ خەنزۇچىسى 博客 بولۇپ، 博客 سۆزىنى جۇڭگو بىلوگى تورىدىكى ۋاڭ جۈنشيۇ ئىجاد قىلغان.

ئەگەر مۇنبەر(BBS) نى ئېچىۋىتىلگەن كەڭ مەيدان دېسەك، ئۇنداقتا Blog نى سىزگىلا ئېچىۋىتىلگەن خاس ئۆي دېيىشكە بولىدۇ. سىز Blog ئارقىلىق ئىنتېرنېت دەرياسىدا ئۈزۈپ، پۈتۈن يەرشارى ئىنتېرنېت تورىدىكى قىممىتى بار ئۇچۇر، بىلىم ۋە مەنبە بايلىقلىقلارنى تاللاپ، ئۆزىڭىزنىڭ Blog ىغا كىرگۈزۈۋېلىپ پايدىلىنالايسىز. شۇنداقلا خىزمەت جەريانىدىكى، تۇرمۇشىڭىزدىكى ۋەقەلىكلەرنى، چاقماقتەك تېز كەلگەن ئىلھام ۋە مەنىۋىي جەريانلارنى ئۇدۇللۇق خاتىرىلەپ، ئېلان قىلالايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ چەكسىز ئىپادىلەش كۈچىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارغا خەت يوللاپ دوست تۇتالايسىز ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرالايسىز. شەخسىي نەشىر شەكلى ئارقىلىق ۋاقىت تەرتىپى بويىچە توختىماي خاتىرە يېزىپ، خاتىرىلىرىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرالايسىز.

بىر بىلوگنى بىر تور بەت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ قىسقا، ئەمما دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان (Post) چاپلانما ئارقىلىق بېيىيدۇ، بۇ چاپلانمىلار يىل، ئاي، كۈن تەرتىپىدە بولىدۇ. blog نىڭ مەزمۇنى ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدۇ.

شەخسى Blog نى ھەقلىق ۋە ياكى ھەقسىز يوسۇندا ئىلتىماس قىلىپ تىزىملاتقاندىن كىيىن ئۆزىڭىز خالىغانچە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ۋە مەزمۇنلارنى قاتسىڭىز بولىدۇ.

بىلوگ ئۇقۇمى ئۈچ جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ: تەكرار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بەت يۈزى ئاددىي بولىدۇ، خۇسۇسىيلاشقان بولىدۇ.

Blog ئىنتېرنېتنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ، E-mail، BBS ، ICQ ) IM)دىن كېيىن پەيدا بولغان تۆتىنچى ئەۋلاد توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلى ، يېزىق ئارقىلىق سۆھبەت ئىلىپ بارىدىغان قەھۋەخانا.

ھەر بىرىمىزنىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى، كۈندىلىك خاتىرىلىرىمىزنى، تېما ۋە يازمىلىرىمىزنى، مۇھىم ماتېرىيال، قىممىتى بار رەسىم، ئاۋازلىق نەرسىلەرنى خاتىرىلەرگە يېزىۋالىدىغان، توپلاپ ساقلايدىغان ئادىتىمىز بار. لېكىن ئۇ رەتلەنمىگەن، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە. تورغا يوللىسىڭىز بارلىق ماتېرىياللار مۇئەييەن نام-ئىسىم ئاستىدا ساقلىنىپ قالغاچقا، خالىغان ۋاقىتتا خالىغان يەردە تورغا كىرىپ ئېچىپ پايدىلىنالايسىز ۋە ساقلاپ قويالايمىز، لېكىن تور بېكەتلەرنىڭ سىغىمى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى سىزگە مەڭگۈ ساقلاپ بېرەلمەيدۇ ، مۇئەللەقتىكى بۇ بوشلۇقنى ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بېكىتىنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، شۇڭا بەزى چەكلىمىگە ئۇچراش مۇمكىن. ئەمما Blog بېتى خاس ئۆزىڭىزنىڭ بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ھۆججەت، سۈرەت، ئاۋاز، تېلېفون نومۇرى، كىشى، يەر-جاي ئادرېسى، چاپلانما ۋە ئۆزىڭىز ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ھوقۇق بىلەن ئۆزىڭىز ساقلاپ قويىسىز، باشقىلار تەھرىرلىيەلمەيدۇ، ئۆچۈرەلمەيدۇ، پەقەت ئادەتتىكى كۆرەرمەن شەكلىدە ئەينەك سىرتىدا كۆرگەندەك كۆرەلەيدۇ. سىز بارلىق «بايلىق» لىرىڭىزنى خۇددى قاتتىق دىسكىدا ساقلىغاندەك ساقلاپ قويۇپ، نەگە بارسىڭىز شۇ جايدا ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز. ئەگەر بلوگنى ھەقلىق تىزىملاتسىڭىز، ئۇ چاغدا بىلوگىڭىز قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. بىرەر نەرسىڭىزنى ئۆيىڭىزدە ساقلاپ، لازىم بولغاندا تېلېفون بېرىپ ئەكەلدۈرگەندىن كۆرە، تۇرغان يېرىڭىزدىلا بىلوگىڭىزنى ئېچىپلا بىۋاسىتە پايدىلانسىڭىز نېمە دېگەن ياخشى. تېخىمۇ ياخشى يېرى بلوگىڭىزدا ھەممە نەرسە ئىستون، سەھىپە، ۋاقىت بويىچە شۇنداق رەتلىك ساقلىنىدۇ. بلوگ ھەم شەخسىي تور بېتىڭىز ھەم مۇئەللەقتىكى قاتتىق دىسكىڭىز بولالايدۇ. سىز توردا بولمىغان ئەھۋالدا باشقىلار سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى سۆز قالدۇرۇش سۇپىسىغا سۆز قالدۇرۇپ قويىدۇ. سىز بىلوگىڭىزنى ئاچسىڭىز ئۇ قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى كۆرەلەيسىز ۋە جاۋاب يازالايسىز. بەزى ئىقتىدارى QQ غا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ بىر تور بېتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئۇ خەت يازىدىغان قېلىن دەپتەر. سىز توختىماي يىغقان شىرنىڭىزنى ساقلايدىغان ساندۇق. سىز كىيىم ئالماشتۇرغاندەك، بىلوگ بېتىڭىزنى زىننەتلەپ، سۈرەتلەرنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرالايسىز. سىز قىلغان ھەرقانداق خىيال-تەسەۋۋۇر Blog دا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

بىلوگ ھەققىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان رادىئو ۋە تېلىۋېزىيە زىيارەتلىرى


بىلوگ ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولغانسىزمۇ؟ قېنى مەرھەمەت، بىلوگ يېزىشنى باشلاڭ! سۇغا كىرمەي تۇرۇپ، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولمايدۇ ...
维数专业IDC互联服务平台-电脑爱好者有限公司旗下网站|服务器租用|域名注册|虚拟主机|网站建设|企业邮局|网站策划|主机托管|双线机房